成语| 古诗大全| 教学资源| 作文| 扒知识| 扒知识繁体

农民文体活动开幕式领导发言稿(维吾尔文)

发布日期:2021-03-21 16:17:41

温馨提示:文章最低端有word版免费下载链接农民文体活动开幕式领导发言稿(维吾尔文)

以下是为您推荐的《农民文体活动开幕式领导发言稿(维吾尔文)》,所属讲话稿类文章,欢迎阅读参考!

   ھەممە پارتىيە 18-قۇرۇلتاي روھىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان پەيىتتە، يېزىمىز كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن، باھار بايرىمى يىتىپ كىلىش ھارپىسىدا بىز بۇيەرگە داغدۇغلۇق جەم بولۇپ، يېڭئۆستەڭ يېزسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار مەدەنىيەت تەنتەربىيە يىغىنىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن يېزلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇگۈنكى يىغىنىمىزغا قاتناشقان رەھبەرلەرگە، كەڭ دېھقان دوستلارغا، ھەمدە يېزىمىزنىڭ بۇقېتىمقى پائالىيتىمىزنىڭ غەلبىلىك ئېلىپ بېرلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ھەرساھە دوستلارغا چىن دىلمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمەن!   
    يېقىنقى يىللاردىن بېرى يېڭئۆستەڭ يېزلىق پارتىكوم، يېزلىق خەلق ھۆكۈمىتى كونىشەھەر ناھىيلىك پارتىكوم، ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئاستىدا، يېزىمىزدىكى كەڭ كادىرلار ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يىتەكلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ  تۈپ چىقىش نۇقتىسى  قىلىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈردۇق. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بېرى، يۇقىرنىڭ مەبلەغ جەھەتتىكى ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، يەر سالالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى، زەي قاچۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىرتۈركۈم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ يېزىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. تۈرلۈك خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەنگەنلىكتىن ئۆتكەن يىلقى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى  5928 يۈەنگە يىتىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن  951يۈەن ئاشتى.   
     بۇيىل يېزلىق پارتىكوم 2013-يىللىق پارتىكوم كېڭەيتىلگەن يىغىندا يەنە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كىچىك بازار قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى، كەنت بازا قۇرۇلۇشى، كادىرلارنىڭ مەبلەغ توپلاش شەكلى ئارقىلىق سېلىندىغان ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق «ئون تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋەدە بەردى. بۇتۈرلەر يولغا قويۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە يېزىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدىكى تەرەققىياتى يەنىمۇ بىربالداق يۇقۇرى كۆتۈرلىدۇ، كەڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆسىدۇ.    
بۈگۈنمۇ بىز يېزىمىزدىكى كەڭ ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن داغدۇغۇلۇق ھالدا بۇيەرگە جەم بولۇپ، يېزىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە يىغىنىنى ئېچىۋاتىمىز. بۇقېتىمقى مەدەنىيەت تەنتەربىيە يىغىنىمۇ يېزلىق پارتىكوم، يېزلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يىتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىشتىكى بىر تۈرلۈك موھىم تەدبىرى. بۇقېتىمقى دېھقانلار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە يىغىنى بولسا يېزىمىز بويىچە تۇنجى قېتىملىق كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان، قانتاشقۇچىلار بىرقەدەر كۆپ بولغان، تۈرلىرى بىرقەدەر تولۇق بولغان، بىر قېتىملىق «كاتتا مەرىكە» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇقېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزلىشى يېزىمىزدىكى ھەرمىللەت كادىرلار ئاممىسىنىڭ ياخشى بولغان روھى قىياپىتىنى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك قەيسىرانە ئىرادىسىنى تولۇق نامايەن قىلدى. يېزلىق پارتىكوم، يېزلىق خەلق ھۆكۈمىتى  بۇقېتىم ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانلار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە  پائاليىتى ئاساسىدا ھەريىلى بېر قېتىم بۇخىل ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائاليىتىنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرشىغا، ئۆزىنى كۆرسىتىشىگە سەھنە ۋە پۇرسەت يارىتىپ، يېزىمىزدىكى بىرقىسىم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە تۈرلىرىنى چۇڭقۇر قېزىپ چىقىرىپ، يېڭى مەدەنىيەت ماركىسىنى يارىتىپ، يېزىمىزنى مەدەنىيەت ئىشلىرىدا كۈچلۈك بولغان، ئىناق، باي، مەدەنىي يېڭئۆستەڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ئىشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز.   
دېھقانلار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائاليىتى بولسا مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى موھىم بىر ۋاستە بولۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىكى موھىم بىر يول، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ موھىم بىر تەركىبى قىسمى. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى بۇقېتىمقى ئاممىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيىتىمز يېزىمىزدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغۇتۇپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇش، تېخىمۇ موللاشتۇرۇشتا، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.   
يولداشلار، «تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز».  مەن بۇقېتىمقى پائالىيەت جەريانىدا ھەرقايسى كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىپ، مۇسابىقە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىپ، ئادىل، باراۋەر ئاساستا رىقابەتلىشىپ، دوستانە مۇسابىقە كەيپىياتىنى يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.   
ئاخىرىدا يېڭئۆستەڭ  يېزسىنىڭ تۇنجى  نۆۋەتلىك  دېھقانلار  ئەنئەنىۋى  مەدەنىيەت تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىغا تىلەكداشمەن!      كۆپچىلىككە رەھمەت! 
 

《农民文体活动开幕式领导发言稿(维吾尔文)》由网友投稿分享,本页面最后一次更新时间为2020-11-18,仅供参考,下载后可根据需要自行编辑修改。

相关文章

《在共青团区代表大会开幕式上的讲话》:在共青团区代表大会开幕式上的讲话第1篇各位代表,同志们,青年朋友们:  共青团XX市XX区第二次代表大会今天隆重开幕了。这是全区广大团员青年政治生活中的一件大喜事。在

《在卫生局庆祝建党90周年红歌会上的讲话》:大家好,我是领导同志:各位晚上好!今天晚上,我们欢聚在一起,一起唱红歌,庆祝建党90周年。我谨代表卫生局党委向各位领导表示热烈欢迎,向红歌会的召开表示热烈祝贺,向

《2021年员工文体活动节开幕式致辞》:各位领导、各位同志:各位晚上好!今日,旗帜飘扬,热情高涨,全面铺开的***工程建设工地披上了节日的盛装!我代表***局工会,在新一届文体活动节开幕之际,向筹备这次活动

  • 农民文体活动开幕式领导发言稿(维吾尔文)_1616314661.

  • 农民文体活动开幕式领导发言稿(维吾尔文)_.docx

  • 类似文档请点击tags标签查看,或者站内搜索:
  • 发表评论

    您的电子邮箱地址不会被公开。